Uyghur Mokhtasar

Multiple Ayahs

Tags

Download Links

Uyghur Mokhtasar tafsir for Surah Al-Fath — Ayah 29

مُّحَمَّدٞ رَّسُولُ ٱللَّهِۚ وَٱلَّذِينَ مَعَهُۥٓ أَشِدَّآءُ عَلَى ٱلۡكُفَّارِ رُحَمَآءُ بَيۡنَهُمۡۖ تَرَىٰهُمۡ رُكَّعٗا سُجَّدٗا يَبۡتَغُونَ فَضۡلٗا مِّنَ ٱللَّهِ وَرِضۡوَٰنٗاۖ سِيمَاهُمۡ فِي وُجُوهِهِم مِّنۡ أَثَرِ ٱلسُّجُودِۚ ذَٰلِكَ مَثَلُهُمۡ فِي ٱلتَّوۡرَىٰةِۚ وَمَثَلُهُمۡ فِي ٱلۡإِنجِيلِ كَزَرۡعٍ أَخۡرَجَ شَطۡـَٔهُۥ فَـَٔازَرَهُۥ فَٱسۡتَغۡلَظَ فَٱسۡتَوَىٰ عَلَىٰ سُوقِهِۦ يُعۡجِبُ ٱلزُّرَّاعَ لِيَغِيظَ بِهِمُ ٱلۡكُفَّارَۗ وَعَدَ ٱللَّهُ ٱلَّذِينَ ءَامَنُواْ وَعَمِلُواْ ٱلصَّٰلِحَٰتِ مِنۡهُم مَّغۡفِرَةٗ وَأَجۡرًا عَظِيمَۢا ٢٩
ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرى مۇھەممەد ۋە ئۇنىڭ بىلەن بىرگە بولغان ساھابىلىرى دۈشمەن كاپىرلارغا قاتتىق قول، ئۆزئارا كۆيۈمچان، بىر - بىرىگە مېھرىبان ۋە دوستانىدۇر. ئۇلارنى ئاللاھقا رۇكۇ قىلغان ۋە سەجدە قىلغان ھالدا كۆرىسەن. ئۇلار ئاللاھتىن ئۆزلىرىگە مەغپىرەت قىلىش ۋە كۆپ ساۋاب بېرىش ئارقىلىق مەرھەمەت قىلىشىنى ۋە ئۆزلىرىدىن رازى بولۇشىنى تىلەيدۇ. ئۇلارنىڭ چىرايلىرىدا سەجدىنىڭ ئالامەتلىرى مانا مەن دەپ چىقىپلا تۇرىدۇ، نامازنىڭ نۇرى ئۇلارنىڭ يۈزلىرىدە ئاشكارا بولىدۇ. مانا بۇ ئۇلارنىڭ مۇسا ئەلەيھىسسالامغا نازىل قىلىنغان تەۋرات بايان قىلغان سۈپەتلىرىدۇر. ئۇلارنىڭ ئىيسا ئەلەيھىسسالامغا نازىل قىلىنغان ئىنجىلدىكى سۈپىتىگە كەلسەك، ئۇلار ئۆزئارا ھەمكارلىق ۋە بىر - بىرىنى تولۇقلاشتا دەسلەپتە كىچىك چىققان، كېيىن كۈچەيگەن، كېيىن توملىشىىپ، ئۆز غولى بىلەن تۇرغان، كۈچ - قۇۋۋىتى ۋە مۇكەممەللىكى دېھقاننى ئەجەبلەندۈرگەن زىرائەتكە ئوخشايدۇ. بۇ مىسال ئاللاھ تائالانىڭ كاپىرلارنىڭ ئىچىنى ئاچچىق قىلىشى ئۈچۈندۇر. چۈنكى ئۇلار مۇئمىنلەردىكى كۈچ - قۇۋۋەت، ئۇيۇشقاقلىق ۋە بىر - بىرىنىڭ كەمچىلىكىنى تولۇقلاش قاتارلىق سۈپەتلىرىنى كۆرىدۇ. ئاللاھ تائالا ئۆزىگە ئىمان ئېيتقان ھەمدە ياخشى ئەمەللەرنى قىلغان ساھابىلەرنىڭ گۇناھلىرىنى مەغپىرەت قىلىدىغانلىقىنى، ئۇلارنى بىر قىسىم گۇناھلىرىغا قارىتا جازالىمايدىغانلىقىنى، شۇنداقلا ئۇلارغا ئۆز دەرگاھىدا جەننەتتىن ئىبارەت كاتتا ساۋابنى بېرىدىغانلىقىنى ۋەدە قىلدى.