Uyghur Mokhtasar

Multiple Ayahs

Tags

Download Links

Uyghur Mokhtasar tafsir for Surah Al-Fath — Ayah 26

إِذۡ جَعَلَ ٱلَّذِينَ كَفَرُواْ فِي قُلُوبِهِمُ ٱلۡحَمِيَّةَ حَمِيَّةَ ٱلۡجَٰهِلِيَّةِ فَأَنزَلَ ٱللَّهُ سَكِينَتَهُۥ عَلَىٰ رَسُولِهِۦ وَعَلَى ٱلۡمُؤۡمِنِينَ وَأَلۡزَمَهُمۡ كَلِمَةَ ٱلتَّقۡوَىٰ وَكَانُوٓاْ أَحَقَّ بِهَا وَأَهۡلَهَاۚ وَكَانَ ٱللَّهُ بِكُلِّ شَيۡءٍ عَلِيمٗا ٢٦
ئاللاھقا ۋە ئۇنىڭ پەيغەمبىرىگە كاپىر بولغانلار ھەقنى ئوتتۇرىغا چىقىرىشقا قىلچە مۇناسىۋىتى بولمىغان، پەقەتلا ھاۋايى - ھەۋەسكە باغلانغان جاھىلىيەتنىڭ مەغرۇرلۇقىنى كۆڭۈللىرىگە پۈكۈشتى. يەنى ئۇلار پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئۆزلىرىدىن ئۈستۈنلۈكنى ئىگىلىگەنلىكى بىلەن كەمسىتىلىشتىن ئەنسىرەپ ھۇدەيبىيە يىلى ئۇنىڭ ھەرەمگە كىرىشىنى ئۇلارنىڭ غۇرۇرى كۆتۈرەلمىدى. ئاللاھ تائالا پەيغەمبىرىگە ئۆز دەرگاھىدىن خاتىرجەملىك بېغىشلىدى، مۇئمىنلەرنىمۇ تەسكىن تاپقۇزدى. شۇنىڭ بىلەن ئۇلاردىكى غەزەبلىنىش مۇشرىكلارغا ئۇنداق قازانغا مۇنداق چۆمۈچ قىلىشقا سەۋەب بولمىدى. ئاللاھ تائالا مۇئمىنلەرنى «ئاللاھتىن باشقا ھېچ ئىلاھ يوق» دېگەن ھەق سۆزگە چەمبەرچەس باغلىدى ھەمدە ئۇلارنى مۇشۇ سۆزگە ئۆز لايىقىدا ئەمەل قىلىشقا مۇۋەپپەق قىلدى، ئۇلارمۇ شۇنداق قىلدى. بۇ سۆزگە ئەزەلدىن باشقىلارغا قارىغاندا مۇئمىنلەر بەكرەك لايىق ئىدى، ئۇلار بۇ سۆزنىڭ تەلىپىنى لايىقىدا بەجا كەلتۈرەلەيدىغان كىشىلەر ئىدى. چۈنكى ئاللاھ ئۇلارنىڭ قەلبلىرىدىكى ياخشىلىقنى بىلەتتى. ئاللاھ ھەر نەرسىنى بىلگۈچىدۇر، ئۇنىڭغا ھېچنەرسە مەخپىي قالمايدۇ.