Uyghur Mokhtasar

Multiple Ayahs

Tags

Download Links

Uyghur Mokhtasar tafsir for Surah Al-Hujurat — Ayah 11

يَٰٓأَيُّهَا ٱلَّذِينَ ءَامَنُواْ لَا يَسۡخَرۡ قَوۡمٞ مِّن قَوۡمٍ عَسَىٰٓ أَن يَكُونُواْ خَيۡرٗا مِّنۡهُمۡ وَلَا نِسَآءٞ مِّن نِّسَآءٍ عَسَىٰٓ أَن يَكُنَّ خَيۡرٗا مِّنۡهُنَّۖ وَلَا تَلۡمِزُوٓاْ أَنفُسَكُمۡ وَلَا تَنَابَزُواْ بِٱلۡأَلۡقَٰبِۖ بِئۡسَ ٱلِٱسۡمُ ٱلۡفُسُوقُ بَعۡدَ ٱلۡإِيمَٰنِۚ وَمَن لَّمۡ يَتُبۡ فَأُوْلَٰٓئِكَ هُمُ ٱلظَّٰلِمُونَ ١١
ئەي ئاللاھقا ئىمان ئېيتقان ھەمدە ئۇنىڭ كۆرسەتمىسى بويىچە ئەمەل قىلغان مۇئمىنلەر! ئاراڭلاردىن بىر قەۋم يەنە بىر قەۋمنى مەسخىرە قىلمىسۇن، مەسخىرە قىلىنغۇچى قەۋم ئاللاھنىڭ نەزىرىدە مەسخىرە قىلغۇچىدىن ياخشىراق بولۇشى مۇمكىن. ئاللاھنىڭ نەزىرىدە قانداق بولۇش ھەممىدىن مۇھىمدۇر. بىر بۆلۈك ئاياللار يەنە بىر بۆلۈك ئاياللارنى مەسخىرە قىلمىسۇن. مەسخىرە قىلىنغۇچى ئاياللار ئاللاھنىڭ نەزىرىدە مەسخىرە قىلغۇچىلاردىن ياخشىراق بولۇشى مۇمكىن. ئۆز قېرىنداشلىرىڭلارنى ئەيىبلىمەڭلار، چۈنكى ئۇلار ئۆزۈڭلارنىڭ ئورنىدىدۇر. بىر - بىرىڭلارنى يامان كۆرىدىغان لەقەم بىلەن ئاتىماڭلار. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام كېلىشتىن بۇرۇن بىر قىسىم ئەنسارىلار شۇنداق قىلاتتى. ئاراڭلاردىن كىمكى شۇنداق قىلىدىكەن، ئۇ پاسىقتۇر. ئىماندىن كېيىنكى پاسىقلىق سۈپىتى نېمىدېگەن يامان! كىمكى بۇ گۇناھلاردىن تەۋبە قىلمايدىكەن، ئەنە شۇلار گۇناھ - مەئسىيەتلەرنى قىلىش ئارقىلىق ئۆزلىرىنى ھالاكەتكە ئىتتىرگەنلىكلىرى ئۈچۈن ئۆزلىرىگە زۇلۇم قىلغۇچىلاردۇر.