Uyghur Mokhtasar

Multiple Ayahs

Tags

Download Links

Uyghur Mokhtasar tafsir for Surah Al-Hadid — Ayah 10

وَمَا لَكُمۡ أَلَّا تُنفِقُواْ فِي سَبِيلِ ٱللَّهِ وَلِلَّهِ مِيرَٰثُ ٱلسَّمَٰوَٰتِ وَٱلۡأَرۡضِۚ لَا يَسۡتَوِي مِنكُم مَّنۡ أَنفَقَ مِن قَبۡلِ ٱلۡفَتۡحِ وَقَٰتَلَۚ أُوْلَٰٓئِكَ أَعۡظَمُ دَرَجَةٗ مِّنَ ٱلَّذِينَ أَنفَقُواْ مِنۢ بَعۡدُ وَقَٰتَلُواْۚ وَكُلّٗا وَعَدَ ٱللَّهُ ٱلۡحُسۡنَىٰۚ وَٱللَّهُ بِمَا تَعۡمَلُونَ خَبِيرٞ ١٠
سىلەرنىڭ ئاللاھ يولىدا چىقىم قىلىشىڭلارغا نېمە توسالغۇ بولۇۋاتىدۇ؟ ئاسمانلارنىڭ ۋە زېمىننىڭ ئىگىدارچىلىقى ئاللاھقا خاستۇر. ئەي مۇئمىنلەر! ئاراڭلاردىن ئاللاھنىڭ رازىلىقىنى كۆزلەپ مەككە پەتھى بولۇشتىن بۇرۇن ئاللاھ يولىدا مېلىنى سەرپ قىلىپ، ئىسلامنىڭ نۇسرەت قازىنىشى ئۈچۈن كاپىرلارغا قارشى جىھاد قىلغانلار بىلەن مەككىنىڭ پەتھىسىدىن كېيىن ماللىرىنى سەرپ قىلىپ، كاپىرلارغا قارشى جىھاد قىلغانلار باراۋەر بولمايدۇ. مەككە پەتھىسىدىن بۇرۇن ماللىرىنى سەرپ قىلغان ۋە ئاللاھ يولىدا جىھاد قىلغان ئاشۇ كىشىلەرنىڭ ئاللاھنىڭ دەرگاھىدىكى دەرىجە ۋە مەرتىۋىسى مەككە پەتھىسىدىن كېيىن ئاللاھ يولىدا مال سەرپ قىلىپ، كاپىرلارغا قارشى جىھاد قىلغانلاردىن كاتتا ھەم ئۈستۈنراقتۇر. شۇنداقتىمۇ ئاللاھ ھەر ئىككىلىسىگە جەننەتنى ۋەدە قىلدى. ئاللاھ تائالا سىلەرنىڭ قىلمىشلىرىڭلاردىن خەۋەرداردۇر، ئۇنىڭغا سىلەرنىڭ ئەمەللىرىڭلاردىن ھېچ نەرسە مەخپىي قالمايدۇ ۋە سىلەرگە شۇ ئەمەللىرىڭلارغا يارىشا جازا - مۇكاپات بېرىدۇ.