Uyghur Mokhtasar

Multiple Ayahs

Tags

Download Links

Uyghur Mokhtasar tafsir for Surah Al-Hadid — Ayah 20

ٱعۡلَمُوٓاْ أَنَّمَا ٱلۡحَيَوٰةُ ٱلدُّنۡيَا لَعِبٞ وَلَهۡوٞ وَزِينَةٞ وَتَفَاخُرُۢ بَيۡنَكُمۡ وَتَكَاثُرٞ فِي ٱلۡأَمۡوَٰلِ وَٱلۡأَوۡلَٰدِۖ كَمَثَلِ غَيۡثٍ أَعۡجَبَ ٱلۡكُفَّارَ نَبَاتُهُۥ ثُمَّ يَهِيجُ فَتَرَىٰهُ مُصۡفَرّٗا ثُمَّ يَكُونُ حُطَٰمٗاۖ وَفِي ٱلۡأٓخِرَةِ عَذَابٞ شَدِيدٞ وَمَغۡفِرَةٞ مِّنَ ٱللَّهِ وَرِضۡوَٰنٞۚ وَمَا ٱلۡحَيَوٰةُ ٱلدُّنۡيَآ إِلَّا مَتَٰعُ ٱلۡغُرُورِ ٢٠
بىلىڭلاركى، دۇنيا تىرىكچىلىكى پەقەت جىسمانىي تاماشا قىلىدىغان، دىللار كەيىپ سۈرىدىغان ئويۇن - تاماشىدىن، ياسىنىشقىلا ئەسقاتىدىغان زىبۇزىننەتتىن، ئۆزئارا مال - مۈلۈك ۋە بالا - چاقىلارنىڭ كۆپلۈكىنى كۆز - كۆز قىلىشىشتىن باشقا نەرسە ئەمەس. بۇ خۇددى ئۆسۈملۈكلىرى دېھقانلارنى خۇرسەن قىلىدىغان، ئۇزاق ئۆتمەيلا ياپيېشىل ئۆسۈملۈكلەر قۇرۇپ كېتىدىغان يامغۇرغا ئوخشايدۇ. ئەي ئىنسان! ئاشۇ ئۆسۈملۈكلەر يېشىللىققا پۈركەنگەندىن كېيىن ساپسېرىق بوپكەتكەنلىكىنى، ئاندىن ئاللاھنىڭ ئۇلارنى تىتما - تىتما قىلىۋەتكەنلىكىنى كۆرىسەن. ئاخىرەتتە كاپىرلارغا ۋە مۇناپىقلارغا قاتتىق ئازاب بار. ئاللاھنىڭ مۇئمىن بەندىلىرىگە ئۇنىڭ مەغپىرىتى ۋە رازىلىقى بار. دۇنيا تىرىكچىلىكى پەقەت ئۆتكۈنچى مەنپەئەت بولۇپ، ئۇزۇن داۋاملاشمايدۇ. شۇڭا كىمكى ئاخىرەتنىڭ ئۈزۈلمەيدىغان نېئمىتىدىن دۇنيانىڭ ئۆتكۈنچى مەنپەئەتىنى ئەلا بىلىدىكەن، ئۇنداق ئادەم چوقۇم زىيان تارتىدۇ.