Uyghur Mokhtasar

Multiple Ayahs

Tags

Download Links

Uyghur Mokhtasar tafsir for Surah Al-Hadid — Ayah 27

ثُمَّ قَفَّيۡنَا عَلَىٰٓ ءَاثَٰرِهِم بِرُسُلِنَا وَقَفَّيۡنَا بِعِيسَى ٱبۡنِ مَرۡيَمَ وَءَاتَيۡنَٰهُ ٱلۡإِنجِيلَۖ وَجَعَلۡنَا فِي قُلُوبِ ٱلَّذِينَ ٱتَّبَعُوهُ رَأۡفَةٗ وَرَحۡمَةٗۚ وَرَهۡبَانِيَّةً ٱبۡتَدَعُوهَا مَا كَتَبۡنَٰهَا عَلَيۡهِمۡ إِلَّا ٱبۡتِغَآءَ رِضۡوَٰنِ ٱللَّهِ فَمَا رَعَوۡهَا حَقَّ رِعَايَتِهَاۖ فَـَٔاتَيۡنَا ٱلَّذِينَ ءَامَنُواْ مِنۡهُمۡ أَجۡرَهُمۡۖ وَكَثِيرٞ مِّنۡهُمۡ فَٰسِقُونَ ٢٧
شۇنىڭدىن كېيىن بىز پەيغەمبەرلىرىمىزنى ئارقىمۇ-ئارقا ئەۋەتتۇق. ئۇلارنى ئۈممەتلىرىگە ئارقا - ئارقىدىن ئەۋەتتۇق. ئۇلاردىن كېيىن ئىيسا ئەلەيھىسسالامنى ئەۋەتىپ، ئۇنىڭغا ئىنجىلنى بەردۇق. ئۇنىڭغا ئىمان ئېيتىپ، ئەگەشكەن كىشىلەرنىڭ دىللىرىدا مېھىر - شەپقەت پەيدا قىلدۇق. شۇ سەۋەبتىن ئۇلار ئەسلىدە ئۆز-ئارا دوستانە، بىر - بىرىگە كۆيۈنىدىغان كىشىلەر ئىدى. (كېيىن) دىنلىرىدا ئاشقۇنلۇق پەيدا قىلىپ، نىكاھلىنىش ۋە ھۇزۇر - ھالاۋەتتىن بەھىرلىنىشتىن ئىبارەت ئاللاھ ھالال قىلىپ بەرگەن ئىشلارنى تاشلىۋەتتى. ئەمەلىيەتتە بىز ئۇلاردىن ئۇنداق قىلىشنى تەلەپ قىلمىغان ئىدۇق. ئۇلار پەقەت دىندا يوق ئىشنى پەيدا قىلىش ئۈچۈن ئۇ ئىشلارنى ئۆزلىرىگە زورلاپ تاڭدى. بىز پەقەت ئۇلاردىن ئاللاھنىڭ رازىلىقىنى ئىزدەشنى تەلەپ قىلغان ئىدۇق. لېكىن ئۇلار (بىز بۇيرۇغاننى) قىلمىدى. ئاندىن بىز ئۇلارنىڭ ئىچىدىن ئىمان ئېيتقانلارنىڭ مۇكاپاتىنى بەردۇق. ئۇلارنىڭ كۆپىنچىسى ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام ئېلىپ كەلگەن دىننى ئىنكار قىلىش ئارقىلىق ئاللاھنىڭ ئىتائىتىدىن چىققۇچىلاردۇر.