Uyghur Mokhtasar

Multiple Ayahs

Tags

Download Links

Uyghur Mokhtasar tafsir for Surah Al-Hadid — Ayah 4

هُوَ ٱلَّذِي خَلَقَ ٱلسَّمَٰوَٰتِ وَٱلۡأَرۡضَ فِي سِتَّةِ أَيَّامٖ ثُمَّ ٱسۡتَوَىٰ عَلَى ٱلۡعَرۡشِۖ يَعۡلَمُ مَا يَلِجُ فِي ٱلۡأَرۡضِ وَمَا يَخۡرُجُ مِنۡهَا وَمَا يَنزِلُ مِنَ ٱلسَّمَآءِ وَمَا يَعۡرُجُ فِيهَاۖ وَهُوَ مَعَكُمۡ أَيۡنَ مَا كُنتُمۡۚ وَٱللَّهُ بِمَا تَعۡمَلُونَ بَصِيرٞ ٤
ئاللاھ ئاسمانلارنى ۋە زېمىننى ئالتە كۈندە ياراتقان بولۇپ، بۇ يارىتىش يەكشەنبە كۈنى باشلىنىپ، جۈمە كۈنى ئاخىرلاشقان. ئاللاھ مۇشۇ مەخلۇقاتلارنىڭ ھەممىنى كۆزنى يۇمۇپ ئاچقاندىنمۇ قىسقىراق ۋاقىت ئىچىدە يارىتىشقىمۇ ئەلۋەتتە قادىردۇر. ئاندىن كېيىن ئاللاھ ئەرش ئۈستىدە ئۆزىگە لايىق رەۋىشتە قارار ئالدى. ئۇ يەرنىڭ قاتلاملىرىغا كىرىپ كېتىۋاتقان يامغۇر، ئۇرۇق ۋە باشقا نەرسىلەرنىمۇ، ئۇنىڭدىن چىقىۋاتقان ئۆسۈملۈكلەر، كان بايلىقلىرى ۋە ئۇلاردىن باشقا نەرسىلەرنىمۇ بىلىپ تۇرىدۇ. ئاسماندىن چۈشۈۋاتقان يامغۇر، ۋەھىي ۋە ئۇنىڭدىن باشقا نەرسىلەرنىمۇ، ئاسمانغا ئۆرلەۋاتقان پەرىشتىلەر، بەندىلەرنىڭ ئەمەللىرى ۋە جانلىرىنىمۇ بىلىپ تۇرىدۇ. ئەي ئىنسانلار! سىلەر قەيەردە بولۇڭلار، ئاللاھ ئۆز ئىلمى ئارقىلىق ھامان سىلەر بىلەن بىللىدۇر. ئۇنىڭغا سىلەردىن ھېچ نەرسە مەخپىي قالمايدۇ. ئاللاھ سىلەرنىڭ قىلمىشلىرىڭلارنى كۆرۈپ تۇرغۇچىدۇركى، ئۇنىڭغا سىلەرنىڭ ئەمەللىرىڭلاردىن ھېچ نەرسە مەخپىي قالمايدۇ ۋە سىلەرگە چوقۇم شۇ ئەمەللىرىڭلارغا يارىشا جازا - مۇكاپات بېرىدۇ.