Uyghur Mokhtasar

Multiple Ayahs

Tags

Download Links

Uyghur Mokhtasar tafsir for Surah Al-Mujadila — Ayah 22

لَّا تَجِدُ قَوۡمٗا يُؤۡمِنُونَ بِٱللَّهِ وَٱلۡيَوۡمِ ٱلۡأٓخِرِ يُوَآدُّونَ مَنۡ حَآدَّ ٱللَّهَ وَرَسُولَهُۥ وَلَوۡ كَانُوٓاْ ءَابَآءَهُمۡ أَوۡ أَبۡنَآءَهُمۡ أَوۡ إِخۡوَٰنَهُمۡ أَوۡ عَشِيرَتَهُمۡۚ أُوْلَٰٓئِكَ كَتَبَ فِي قُلُوبِهِمُ ٱلۡإِيمَٰنَ وَأَيَّدَهُم بِرُوحٖ مِّنۡهُۖ وَيُدۡخِلُهُمۡ جَنَّٰتٖ تَجۡرِي مِن تَحۡتِهَا ٱلۡأَنۡهَٰرُ خَٰلِدِينَ فِيهَاۚ رَضِيَ ٱللَّهُ عَنۡهُمۡ وَرَضُواْ عَنۡهُۚ أُوْلَٰٓئِكَ حِزۡبُ ٱللَّهِۚ أَلَآ إِنَّ حِزۡبَ ٱللَّهِ هُمُ ٱلۡمُفۡلِحُونَ ٢٢
ئەي پەيغەمبەر! ئاللاھقا ۋە قىيامەت كۈنىگە ئىشىنىدىغانلارنىڭ ئاللاھ ۋە ئۇنىڭ پەيغەمبىرى بىلەن دۈشمەنلەشكەنلەرنى ياخشى كۆرۈپ، دوست تۇتقانلىقىنى كۆرمەيسەن. مۇئمىنلەر ئاللاھ ۋە ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرى بىلەن دۈشمەنلەشكەن بۇ ئادەملەر گەرچە ئۆزلىرىنىڭ ئاتىلىرى، ياكى پەرزەنتلىرى، ياكى قېرىنداشلىرى ۋە ياكى ئۆزلىرى تەۋە بولغان جەمەتى بولغان تەقدىردىمۇ (ئۇلارنى دوست تۇتمايدۇ). چۈنكى ئىمان ئاللاھ ۋە ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرىنىڭ دۈشمەنلىرى بىلەن دوست بولۇشقا يول قويمايدۇ. چۈنكى ئىمان مۇناسىۋىتى باشقا ھەر قانداق مۇناسىۋەتتىن ئۈستۈن تۇرىدۇكى، بۇ مۇناسىۋەتلەر ئۆزئارا توقۇنۇشۇپ قالغاندا ئىمان مۇناسىۋىتى ھەممىنىڭ ئالدىغا تىزىلىدۇ. گەرچە يېقىن ئۇرۇق - تۇغقانلىرى بولغان تەقدىردىمۇ ئاللاھ ۋە ئۇنىڭ پەيغەمبىرى بىلەن دۈشمەنلەشكەنلەرنى دوست تۇتمايدىغان ئاشۇ كىشىلەر ئاللاھ قەلبلىرىدىكى ئىماننى مۇستەھكەم قىلغانلار بولۇپ، ئۇلارنىڭ بۇ مەيدانى ھېچقاچان ئۆزگىرىپ قالمايدۇ. ئاللاھ ئۇلارنى ئۆزى تەرەپتىن بېرىلگەن دەلىل - پاكىت ھەم نۇر بىلەن كۈچلەندۈرگەنكى، قىيامەت كۈنى ئۇلارنى سارايلىرى ۋە دەل - دەرەخلىرى ئاستىدىن ئۆستەڭلەر ئېقىپ تۇرىدىغان مەڭگۈلۈك جەننەتلەرگە كىرگۈزىدۇ. ئۇلار ئۇ جەننەتلەردە مەڭگۈ قالىدۇ. جەننەتنىڭ نېئمەتلىرى ئۇلاردىن ئۈزۈلۈپ قالمايدۇ، تۈگەپمۇ قالمايدۇ. ئاللاھ ئۇلاردىن مەڭگۈ غەزەپلەنمەيدىغان دەرىجىدە رازى بولىدۇ. ئۇلارمۇ ئاللاھنىڭ ئۆزلىرىگە مەڭگۈ تۈگەپ قالمايدىغان نېئمەتلەرنى ئاتا قىلغانلىقىدىن ناھايىتى مەمنۇن بولىدۇ. ئاللاھ تائالانىڭ جامالىنى كۆرۈشمۇ شۇ نېئمەتلەرنىڭ جۈملىسىدىندۇر. يۇقىرىدا تىلغا ئېلىنغان سۈپەتلەرگە ئىگە كىشىلەر ئاللاھنىڭ قوشۇنلىرىدۇركى، ئۇلار ئاللاھنىڭ بۇيرۇقلىرىنى بەجا كەلتۈرۈپ، چەكلىگەنلىرىدىن يانىدۇ. ئېسىڭلاردا بولسۇنكى، ئۇلار چوقۇم كۆزلىگەن مەقسەتكە يەتكۈچىلەردۇر، دۇنيا ۋە ئاخىرەتتە قولدىن بېرىپ قويغان نەرسىلىرىگە ئېرىشكۈچىلەردۇر.