Uyghur Mokhtasar

Multiple Ayahs

Tags

Download Links

Uyghur Mokhtasar tafsir for Surah Al-Mujadila — Ayah 8

أَلَمۡ تَرَ إِلَى ٱلَّذِينَ نُهُواْ عَنِ ٱلنَّجۡوَىٰ ثُمَّ يَعُودُونَ لِمَا نُهُواْ عَنۡهُ وَيَتَنَٰجَوۡنَ بِٱلۡإِثۡمِ وَٱلۡعُدۡوَٰنِ وَمَعۡصِيَتِ ٱلرَّسُولِۖ وَإِذَا جَآءُوكَ حَيَّوۡكَ بِمَا لَمۡ يُحَيِّكَ بِهِ ٱللَّهُ وَيَقُولُونَ فِيٓ أَنفُسِهِمۡ لَوۡلَا يُعَذِّبُنَا ٱللَّهُ بِمَا نَقُولُۚ حَسۡبُهُمۡ جَهَنَّمُ يَصۡلَوۡنَهَاۖ فَبِئۡسَ ٱلۡمَصِيرُ ٨
ئەي پەيغەمبەر! مۇئمىنلەرنى كۆرگەندە پىچىرلىشىدىغان يەھۇدىيلارنى كۆرمىدىڭمۇ؟ ئاللاھ ئۇلارنى پىچىرلىشىشتىن چەكلىگەن ئىدى. ئەمما ئۇلار ئاللاھ چەكلىگەن ئىشنى قىلىپ، مۇئمىنلەرنىڭ غەيۋىتىنى قىلىش، ئۇلارغا دۈشمەنلىك قىلىش ۋە پەيغەمبەرگە ئاسىيلىق قىلىشقا ئوخشاش گۇناھ بولىدىغان قىلمىشلار ھەققىدە ئۆزئارا پىچىرلىشىدۇ. ئەي پەيغەمبەر! ناۋادا ئۇلار سېنىڭ قېشىڭغا كەلسە ئاللاھ تائالا ساڭا قىلىپ باقمىغان سالام بىلەن سالام قىلىدۇكى، ئۇ سالام بولسا ئۇلارنىڭ سېنىڭ ئۆلۈمىڭنى تىلەپ: ئەسسامۇ ئەلەيكە، دېگەن سۆزىدۇر. ئۇلار پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنى يالغانچى قىلىش مەقسىتىدە: بىزنىڭ دېگەن سۆزلىرىمىز تۈپەيلىدىن ئاللاھ نېمىشقا بىزنى ئازابلىمايدۇ؟ ئەگەر ئۇ ئۆزىنى پەيغەمبەر دېگەن دەۋاسىدا راستچىل بولسا ئىدى، ئەلۋەتتە ئاللاھ بىزنى دېگەن گەپلىرىمىز تۈپەيلىدىن ئازابلىغان بولاتتى، دېيىشىدۇ. ئۇلارنى دېگەنلىرىگە قارىتا جەھەننەم يېتەرلىك ئازابتۇركى، ئۇلار ئۇنىڭ قاتتىق ھارارىتىنى تېتىيدۇ. ئۇلارنىڭ ئاقىۋىتى نېمىدېگەن ئېچىنىشلىق!؟