Uyghur Mokhtasar

Multiple Ayahs

Tags

Download Links

Uyghur Mokhtasar tafsir for Surah Al-Hashr — Ayah 7

مَّآ أَفَآءَ ٱللَّهُ عَلَىٰ رَسُولِهِۦ مِنۡ أَهۡلِ ٱلۡقُرَىٰ فَلِلَّهِ وَلِلرَّسُولِ وَلِذِي ٱلۡقُرۡبَىٰ وَٱلۡيَتَٰمَىٰ وَٱلۡمَسَٰكِينِ وَٱبۡنِ ٱلسَّبِيلِ كَيۡ لَا يَكُونَ دُولَةَۢ بَيۡنَ ٱلۡأَغۡنِيَآءِ مِنكُمۡۚ وَمَآ ءَاتَىٰكُمُ ٱلرَّسُولُ فَخُذُوهُ وَمَا نَهَىٰكُمۡ عَنۡهُ فَٱنتَهُواْۚ وَٱتَّقُواْ ٱللَّهَۖ إِنَّ ٱللَّهَ شَدِيدُ ٱلۡعِقَابِ ٧
ئاللاھ تائالا پەيغەمبىرىگە جەڭ قىلماستىن ئاتا قىلغان ئەھلى قۇرا (بەنى قۇرەيزە، بەنى نەزىر، پەدەك ۋە خەيبەر كۇففارلىرى) نىڭ ماللىرى ئاللاھ ئۈچۈندۇركى، ئاللاھ ئۇنى خالىغان كىشىگە بېرىدۇ. ئۇنىڭدا پەيغەمبەرنىڭ ۋە ئۇنىڭ بەنى ھاشىم ۋە بەنى مۇتتەلىب جەمەتىدىن بولغان ئۇرۇق - تۇغقانلىرىنىڭمۇ مەلۇم مىقداردا ھەققى بار. بۇ، ئۇلارنىڭ سەدىقىدىن چەكلەنگەنلىكىنىڭ ئورنىنى تولدۇرۇپ بېرىش ئۈچۈندۇر. يەنە يېتىملەرنىڭ، يوقسۇللارنىڭ ۋە خىراجىتى تۈگەپ كەتكەن مۇساپىرنىڭمۇ ھەققى بار. (ئاللاھنىڭ بۇ ھۆكۈمنى يولغا قويۇشى) غەنىمەت مالنىڭ كەمبەغەللەر بىر ياقتا قېلىپ، بايلارنىڭ ئارىسىدا قولدىن - قولغا ئۆتۈپ يۈرمەسلىكى ئۈچۈندۇر. ئەي مۇئمىنلەر! غەنىمەت ماللاردىن پەيغەمبەر بەرگەننى ئېلىڭلار، پەيغەمبەر چەكلىگەندىن يېنىڭلار. ئاللاھنىڭ ئەمىر - پەرمانلىرىنى بەجا كەلتۈرۈش ۋە چەكلىمىلىرىدىن يىراق تۇرۇش ئارقىلىق ئۇنىڭغا تەقۋادار بولۇڭلار. ئاللاھ ھەقىقەتەن ئازابى قاتتىق زاتتۇركى، ئۇنىڭ ئازابىغا دۇچار بولۇشتىن پەخەس بولۇڭلار.