Uyghur Mokhtasar

Multiple Ayahs

Tags

Download Links

Uyghur Mokhtasar tafsir for Surah Al-Hashr — Ayah 9

وَٱلَّذِينَ تَبَوَّءُو ٱلدَّارَ وَٱلۡإِيمَٰنَ مِن قَبۡلِهِمۡ يُحِبُّونَ مَنۡ هَاجَرَ إِلَيۡهِمۡ وَلَا يَجِدُونَ فِي صُدُورِهِمۡ حَاجَةٗ مِّمَّآ أُوتُواْ وَيُؤۡثِرُونَ عَلَىٰٓ أَنفُسِهِمۡ وَلَوۡ كَانَ بِهِمۡ خَصَاصَةٞۚ وَمَن يُوقَ شُحَّ نَفۡسِهِۦ فَأُوْلَٰٓئِكَ هُمُ ٱلۡمُفۡلِحُونَ ٩
مۇھاجىرلاردىن ئىلگىرى مەدىنىگە يەرلىك بولغان ئەنسارلار ئاللاھقا ۋە ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرىگە ئىمان ئېيتىشنى تاللىدى. ئۇلار مەككىدىن ھىجرەت قىلىپ كەلگەنلەرنى دوست تۇتىدۇ، ئاللاھ يولىدا ھىجرەت قىلىپ كەلگەن مۇھاجىرلارغا غەنىمەت ماللىرىدىن بېرىلىپ، ئۆزلىرىگە بېرىلمىگەندە ئۇلارغا ئاچچىقى كەلمىدى، ئىچى تارلىقمۇ قىلمىدى. ئۇلار ئۆزلىرى يوقسۇل ھەم موھتاج تۇرسىمۇ، دۇنيالىق نېسىۋىلەردە مۇھاجىرلارنى ئۆزلىرىدىنمۇ ئالدىنقى ئورۇنغا قويىدۇ. كىمكى ئاللاھتىن قورقۇپ مال - دۇنياغا بېرىلىشتىن ساقلىنىدىكەن ۋە ئاللاھ يولىدا مال - مۈلۈكلىرىنى سەرپ قىلىدىكەن، ئەنە شۇ كىشىلەر كۆزلىگەن مەقسەتكە يېتىش ۋە ئەنسىرىگەن ئاقىۋەتتىن قۇتۇلۇش ئارقىلىق نىجاتلىققا ئېرىشكۈچىلەردۇر.