Uyghur Mokhtasar

Multiple Ayahs

Tags

Download Links

Uyghur Mokhtasar tafsir for Surah Al-Mumtahanah — Ayah 1

يَٰٓأَيُّهَا ٱلَّذِينَ ءَامَنُواْ لَا تَتَّخِذُواْ عَدُوِّي وَعَدُوَّكُمۡ أَوۡلِيَآءَ تُلۡقُونَ إِلَيۡهِم بِٱلۡمَوَدَّةِ وَقَدۡ كَفَرُواْ بِمَا جَآءَكُم مِّنَ ٱلۡحَقِّ يُخۡرِجُونَ ٱلرَّسُولَ وَإِيَّاكُمۡ أَن تُؤۡمِنُواْ بِٱللَّهِ رَبِّكُمۡ إِن كُنتُمۡ خَرَجۡتُمۡ جِهَٰدٗا فِي سَبِيلِي وَٱبۡتِغَآءَ مَرۡضَاتِيۚ تُسِرُّونَ إِلَيۡهِم بِٱلۡمَوَدَّةِ وَأَنَا۠ أَعۡلَمُ بِمَآ أَخۡفَيۡتُمۡ وَمَآ أَعۡلَنتُمۡۚ وَمَن يَفۡعَلۡهُ مِنكُمۡ فَقَدۡ ضَلَّ سَوَآءَ ٱلسَّبِيلِ ١
ئى ئاللاھقا ئىمان ئېيتقان، ئاللاھنىڭ شەرىئىتى بويىچە ئەمەل قىلغان مۇئمىنلەر! مېنىڭ ۋە ئۆزۈڭلارنىڭ دۈشمىنىڭلارنى سىرداش دوست قىلىۋالماڭلار. ئۇلار پەيغەمبىرىڭلار ئارقىلىق سىلەرگە كەلگەن دىنغا كاپىر بولغان ۋە پەيغەمبىرىنى يۇرتلىرىدىن قوغلاپ چىقارغان ئىدى. ئۇلار سىلەرنىمۇ يۇرتۇڭلار مەككىدىن قوغلاپ چىقىرىۋېتىدۇ. ئاراڭلاردىكى ئۇرۇق - تۇغقانچىلىق مۇناسىۋىتىگىمۇ پەرۋا قىلمايدۇ. (ئۇلارنىڭ بۇنداق قىلىشى) پەقەت سىلەرنىڭ پەرۋەردىگارىڭلار ئاللاھقا ئىمان ئېيتقىنىڭلار ئۈچۈندۇر. ئەگەر سىلەر مېنىڭ يولۇمدا، مېنىڭ رازىلىقىمنى كۆزلەپ جىھاد قىلىش ئۈچۈن چىققان بولساڭلار، ئۇنداق ئىشنى ھەرگىز قىلماڭلار. يەنى ئۇلارنى سىرداش بىلىپ مۇسۇلمانلارنىڭ ئەھۋالىنى يوشۇرۇن يەتكۈزمەڭلار. مەن سىلەر مەخپىي قىلغاننىمۇ، ئاشكارا قىلغاننىمۇ بىلىپ تۇرىمەن. ماڭا ئۇنىڭدىن ۋە باشقا ئىشلاردىن ھېچ نەرسە مەخپىي قالمايدۇ. كىمكى كاپىرلارنى ئاشۇنداق سىرداش دوست قىلىۋالىدىكەن، توغرا يولدىن چەتنەپ، ھەقتىن ئېزىپ، توغرىدىن يىراقلاپ كەتكەن بولىدۇ.