Uyghur Mokhtasar

Multiple Ayahs

Tags

Download Links

Uyghur Mokhtasar tafsir for Surah Al-Mumtahanah — Ayah 4

قَدۡ كَانَتۡ لَكُمۡ أُسۡوَةٌ حَسَنَةٞ فِيٓ إِبۡرَٰهِيمَ وَٱلَّذِينَ مَعَهُۥٓ إِذۡ قَالُواْ لِقَوۡمِهِمۡ إِنَّا بُرَءَٰٓؤُاْ مِنكُمۡ وَمِمَّا تَعۡبُدُونَ مِن دُونِ ٱللَّهِ كَفَرۡنَا بِكُمۡ وَبَدَا بَيۡنَنَا وَبَيۡنَكُمُ ٱلۡعَدَٰوَةُ وَٱلۡبَغۡضَآءُ أَبَدًا حَتَّىٰ تُؤۡمِنُواْ بِٱللَّهِ وَحۡدَهُۥٓ إِلَّا قَوۡلَ إِبۡرَٰهِيمَ لِأَبِيهِ لَأَسۡتَغۡفِرَنَّ لَكَ وَمَآ أَمۡلِكُ لَكَ مِنَ ٱللَّهِ مِن شَيۡءٖۖ رَّبَّنَا عَلَيۡكَ تَوَكَّلۡنَا وَإِلَيۡكَ أَنَبۡنَا وَإِلَيۡكَ ٱلۡمَصِيرُ ٤
ئى مۇئمىنلەر! ئىبراھىم ئەلەيھىسسالام ۋە ئۇنىڭ بىلەن بىللە بولغان مۇئمىنلەر سىلەرگە ھەقىقەتەن گۈزەل نەمۇنىدۇر. ئۆز ۋاقتىدا ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ كاپىر قەۋمىگە: ھەقىقەتەن بىز سىلەردىن ۋە سىلەر ئاللاھنى قويۇپ چوقۇنۇۋاتقان بۇتلىرىڭلاردىن ئادا - جۇدامىز. بىز سىلەر ئېتىقاد قىلىۋاتقان دىننى ئىنكار قىلدۇق. بىز بىلەن سىلەرنىڭ ئاراڭلاردىكى ئاداۋەت، ئۆچمەنلىك ئاشكارا بولدى. بۇ ئۆچمەنلىك تاكى سىلەر يالغۇز بىر ئاللاھقا ئىمان ئېيتىپ، ئۇنىڭغا ھېچكىمنى شېرىك قىلمىغىنىڭلارغا قەدەر داۋاملىشىدۇ. شۇڭا سىلەرمۇ ئاشۇلار قىلغاندەك، كاپىر قەۋمىڭلاردىن ئادا - جۇدا بولۇشۇڭلار كېرەك. لېكىن ئىبراھىم ئەلەيھىسسالامنىڭ دادىسىغا: مەن سەن ئۈچۈن چوقۇم ئاللاھتىن مەغپىرەت تىلەيمەن، دېگەن سۆزى بۇنىڭ سىرتىدا بولۇپ، ئۇنى ئۆرنەك قىلىشىڭلارغا بولمايدۇ. چۈنكى بۇ ئىش ئىبراھىم دادىسىنىڭ ئىمان ئېيتىشىدىن ئۈمىد ئۈزۈشتىن بۇرۇن يۈز بەرگەن ئىدى. چۈنكى بىر مۇئمىننىڭ بىرەر مۇشرىك ئۈچۈن مەغپىرەت تىلىشى توغرا ئەمەس. ئۇنىڭ ئۈستىگە سەن ئۆزۈڭنىمۇ ئاللاھنىڭ ئازابىدىن قوغداپ قالالمايسەن. (ئېيتىڭلاركى) ئەي رەببىمىز! بىز بارچە ئىشلىرىمىزدا ساڭىلا تاياندۇق. ساڭا تەۋبە قىلغان ھالدا قايتتۇق. قىيامەت كۈنى قايتىدىغان جايىمىز سېنىڭ دەرگاھىڭدۇر.