Uyghur Mokhtasar

Multiple Ayahs

Tags

Download Links

Uyghur Mokhtasar tafsir for Surah Al-Jumu'ah — Ayah 2

هُوَ ٱلَّذِي بَعَثَ فِي ٱلۡأُمِّيِّـۧنَ رَسُولٗا مِّنۡهُمۡ يَتۡلُواْ عَلَيۡهِمۡ ءَايَٰتِهِۦ وَيُزَكِّيهِمۡ وَيُعَلِّمُهُمُ ٱلۡكِتَٰبَ وَٱلۡحِكۡمَةَ وَإِن كَانُواْ مِن قَبۡلُ لَفِي ضَلَٰلٖ مُّبِينٖ ٢
ئاللاھ تائالا ئوقۇش - يېزىشنى بىلمەيدىغان ئەرەبلەرگە ئۆز ئىچىدىن بىر پەيغەمبەر ئەۋەتتى. ئۇ پەيغەمبەر ئۇلارغا ئاللاھنىڭ ئۆزىگە نازىل قىلغان ئايەتلىرىنى ئوقۇپ بېرىدۇ، ئۇلارنى كۇپرىدىن ۋە ناچار ئىللەتلەردىن پاكلايدۇ، قۇرئاننى ۋە سۈننەتنى ئۆگىتىدۇ. ئۇلار ئۇنىڭ پەيغەمبەرلىكىدىن بۇرۇن ھەقتىن ئوپئوچۇق گۇمراھلىقتا بولۇپ، بۇتلارغا چوقۇناتتى، ناھەق قان تۆكەتتى، ئۇرۇق - تۇغقانچىلىق مۇناسىۋىتىنى ئۈزەتتى.