Uyghur Mokhtasar

Multiple Ayahs

Tags

Download Links

Uyghur Mokhtasar tafsir for Surah Al-Jumu'ah — Ayah 5

مَثَلُ ٱلَّذِينَ حُمِّلُواْ ٱلتَّوۡرَىٰةَ ثُمَّ لَمۡ يَحۡمِلُوهَا كَمَثَلِ ٱلۡحِمَارِ يَحۡمِلُ أَسۡفَارَۢاۚ بِئۡسَ مَثَلُ ٱلۡقَوۡمِ ٱلَّذِينَ كَذَّبُواْ بِـَٔايَٰتِ ٱللَّهِۚ وَٱللَّهُ لَا يَهۡدِي ٱلۡقَوۡمَ ٱلظَّٰلِمِينَ ٥
تەۋراتتىكى ھۆكۈملەرگە ئەمەل قىلىشقا بۇيرۇلغان، ئاندىن بۇيرۇلغان ئىشلارنى قىلمىغان يەھۇدىيلارنىڭ مىسالى توم - توم كىتابلارنى ئۈستىگە ئارتىۋالغان، ئەمما ئۈستىگە يۈكلەنگەن نەرسىنىڭ كىتاب ياكى باشقا نەرسە ئىكەنلىكىنى بىلمەيدىغان ئېشەككە ئوخشايدۇ. ئاللاھنىڭ ئايەتلىرىنى ئىنكار قىلغان قەۋمنىڭ مىسالى نېمىدېگەن قەبىھ! ئاللاھ زالىم قەۋمنى ھەقىقەتكە مۇۋەپپەق قىلمايدۇ.