Uyghur Mokhtasar

Multiple Ayahs

Tags

Download Links

Uyghur Mokhtasar tafsir for Surah At-Talaq — Ayah 2

فَإِذَا بَلَغۡنَ أَجَلَهُنَّ فَأَمۡسِكُوهُنَّ بِمَعۡرُوفٍ أَوۡ فَارِقُوهُنَّ بِمَعۡرُوفٖ وَأَشۡهِدُواْ ذَوَيۡ عَدۡلٖ مِّنكُمۡ وَأَقِيمُواْ ٱلشَّهَٰدَةَ لِلَّهِۚ ذَٰلِكُمۡ يُوعَظُ بِهِۦ مَن كَانَ يُؤۡمِنُ بِٱللَّهِ وَٱلۡيَوۡمِ ٱلۡأٓخِرِۚ وَمَن يَتَّقِ ٱللَّهَ يَجۡعَل لَّهُۥ مَخۡرَجٗا ٢
ئۇلارنىڭ ئىددىتى توشۇشقا يېقىنلاشقاندا ئۇلارغا قىزىقىپ، چىرايلىقچە ئۆي تۇتۇپ قېلىش مەقسىتىدە ئۇلار بىلەن يارىشىۋالساڭلارمۇ ياكى ئۇلار بىلەن يارىشىۋالماي ئىددىتى توشقانغا قەدەر ئۇلارغا تېگىشلىك ئىددەت ھەققىنى بېرىپ، ئۇلارنى ئۆز ھالىغا قويساڭلارمۇ بولىدۇ. مەيلى ئۇلار بىلەن يارىشىۋېلىڭلار ياكى ئايرىلىپ كېتىڭلار، كېيىن ئاراڭلاردا دەتالاش چىقىپ قالماسلىقى ئۈچۈن ئاراڭلاردىن ئىككى نەپەر ئادىل كىشىنى گۇۋاھچى قىلىپ قويۇڭلار. ئەي گۇۋاھچىلار! سىلەرمۇ ئاللاھنىڭ رازىلىقىنى كۆزلەپ گۇۋاھچى بولۇڭلار. مەزكۇر ھۆكۈملەر ئاللاھقا ئىمان ئېيتقان ۋە قىيامەت كۈنىگە ئىشەنگەن كىشىلەرنىڭ ئېسىگە سېلىنىدۇ. چۈنكى بۇنداق كىشىلەر ئەسلىتىش ۋە پەند - نەسىھەتتىن مەنپەئەتلىنەلەيدۇ. كىمكى ئاللاھنىڭ ئەمىر - پەرمانلىرىنى بەجا كەلتۈرۈش ۋە چەكلىمىلىرىدىن يېنىش ئارقىلىق تەقۋادار بولىدىكەن، ئاللاھ ئۇنىڭغا ئۇ چۈشۈپ قالغان ھەر قانداق قىيىن ئەھۋالدىن چىقىش يولى بېرىدۇ.