Uyghur Mokhtasar

Multiple Ayahs

Tags

Download Links

Uyghur Mokhtasar tafsir for Surah Al-Muddaththir — Ayah 31

وَمَا جَعَلۡنَآ أَصۡحَٰبَ ٱلنَّارِ إِلَّا مَلَٰٓئِكَةٗۖ وَمَا جَعَلۡنَا عِدَّتَهُمۡ إِلَّا فِتۡنَةٗ لِّلَّذِينَ كَفَرُواْ لِيَسۡتَيۡقِنَ ٱلَّذِينَ أُوتُواْ ٱلۡكِتَٰبَ وَيَزۡدَادَ ٱلَّذِينَ ءَامَنُوٓاْ إِيمَٰنٗا وَلَا يَرۡتَابَ ٱلَّذِينَ أُوتُواْ ٱلۡكِتَٰبَ وَٱلۡمُؤۡمِنُونَ وَلِيَقُولَ ٱلَّذِينَ فِي قُلُوبِهِم مَّرَضٞ وَٱلۡكَٰفِرُونَ مَاذَآ أَرَادَ ٱللَّهُ بِهَٰذَا مَثَلٗاۚ كَذَٰلِكَ يُضِلُّ ٱللَّهُ مَن يَشَآءُ وَيَهۡدِي مَن يَشَآءُۚ وَمَا يَعۡلَمُ جُنُودَ رَبِّكَ إِلَّا هُوَۚ وَمَا هِيَ إِلَّا ذِكۡرَىٰ لِلۡبَشَرِ ٣١
بىز دوزاخ مۇئەككەللىرىنى پەقەت پەرىشتىلەردىن قىلدۇق، چۈنكى ئىنسانلار ئۇنىڭغا تاقەت كەلتۈرەلمەيدۇ. ئەبۇ جەھىل يالغان ئېيتتى، ئۇ (مۇشۇ ئايەتنى ئاڭلىغان) چاغدا چوقۇم ئۆزى ۋە قەۋمى بىرلىشىپ دوزخقا مۇئەككەل پەرىشتىلەرنى يوقاتقاندىن كېيىن دوزاختىن چىقىپ كېتەلەيدىغانلىقىنى دەۋا قىلدى. بىز ئۇ پەرىشتىلەرنىڭ مۇشۇ سانىنى پەقەت ئاللاھقا كاپىر بولغانلارنىڭ ئېغىزىغا كەلگەننى دەپ بېقىشلىرى ئۈچۈن بىر سىناق قىلدۇق. ئاندىن ئۇلارغا ھەسسىلەپ ئازاب قىلىنىدۇ. بۇ يەنە تەۋرات بېرىلگەن يەھۇدىيلارنىڭ ۋە ئىنجىل بېرىلگەن ناسارالارنىڭ ئۆزلىرىنىڭ كىتابلىرىدىكى ھۆكۈملەرنى تەستىقلىغان ھالدا نازىل بولغان قۇرئان كەرىمگە چىنپۈتۈشى ئۈچۈن، مۇئمىنلەرنىڭ ئەھلى كىتابنىڭمۇ ئۆزلىرىگە قوشۇلغانلىقىنى كۆرگەندە ئىمانى زىيادە بولۇشى ئۈچۈن، يەھۇدىيلار، ناسارالار ۋە مۇئمىنلەرنىڭ شەكلەنمەسلىكى ۋە ئىماندا ئىككىلىنىپ قالغۇچىلار بىلەن كاپىرلارنىڭ: ئاللاھ بۇ يوچۇن سان بىلەن نېمىنى ئىرادە قىلغاندۇ؟ دېيىشلىرى ئۈچۈندۇر. ئاللاھ تائالا مۇشۇ ساننى ئىنكار قىلغۇچىنى ئازدۇرىدىغانلىقىنى، ئۇنىڭغا ئىشەنگۈچىنى ھىدايەت قىلىدىغانلىقىنى مىسال قىلدى. ئاللاھ ئازدۇرۇشنى خالىغان كىشىنى ئازدۇرىدۇ، ھىدايەت قىلىشنى خالىغان كىشىنى ھىدايەت قىلىدۇ. پەۋەردىگارىڭنىڭ قوشۇنى بەك كۆپ بولغاچقا ئۇنى پەقەت ئۆزىلا بىلىدۇ. شۇڭا كۆزگە ئىلماسلىق ۋە ئىنكار قىلىش تەرىقىسىدە: (مۇھەممەدنىڭ پەقەت 19 ياردەمچىسىلا بار)، دېگەن ئەبۇ جەھل بىلىپ قالسۇن. دوزاخ ئىنسانىيەت ئۈچۈن پەقەت بىر نەسىھەتتۇركى، ئۇلار شۇ ئارقىلىق ئاللاھ تائالانىڭ ئۇلۇغلىقىنى بىلىدۇ.