Uyghur Mokhtasar

Multiple Ayahs

Tags

Download Links

Uyghur Mokhtasar tafsir for Surah Al-Insan — Ayah 27

إِنَّ هَٰٓؤُلَآءِ يُحِبُّونَ ٱلۡعَاجِلَةَ وَيَذَرُونَ وَرَآءَهُمۡ يَوۡمٗا ثَقِيلٗا ٢٧
ھەقىقەتەن بۇ مۇشرىكلار دۇنيا تىرىكچىلىكىنى تولىمۇ ياخشى كۆرىدۇ، دۇنياغا قاتتىق ھېرىسمەنلىكىدىن كەلگۈسىدىكى قىيامەت كۈنى بىلەن كارى بولمايدۇ. قىيامەت كۈنى ئىنتايىن ئېغىر بىر كۈنكى، ئۇنىڭدا تۈرلۈك جاپا - مۇشەققەتلەر بار.