Uyghur Mokhtasar

Multiple Ayahs

Tags

Download Links

Uyghur Mokhtasar tafsir for Surah Al-Mumtahanah — Ayah 11

وَإِن فَاتَكُمۡ شَيۡءٞ مِّنۡ أَزۡوَٰجِكُمۡ إِلَى ٱلۡكُفَّارِ فَعَاقَبۡتُمۡ فَـَٔاتُواْ ٱلَّذِينَ ذَهَبَتۡ أَزۡوَٰجُهُم مِّثۡلَ مَآ أَنفَقُواْۚ وَٱتَّقُواْ ٱللَّهَ ٱلَّذِيٓ أَنتُم بِهِۦ مُؤۡمِنُونَ ١١
ناۋادا سىلەرنىڭ بەزى ئاياللىرىڭلار مۇرتەد بولۇپ، كاپىرلار تەرەپكە ئۆتۈپ كېتىپ، كاپىرلاردىن ئۇلارغا بەرگەن تويلۇق مېھرىنى تەلەپ قىلىپ، كاپىرلار ئۇنى بەرمىگەن تەقدىردە، سىلەر كاپىرلار بىلەن ئۇرۇشۇپ ئۇلاردىن غەنىمەت ئالغاندا، ئاياللىرى مۇرتەد بولۇپ كاپىرلار تەرەپكە ئۆتۈپ كەتكەن ئەرلەرگە ئۇلارنىڭ تويلۇق مېھرىگە بەرگەن مىقداردا بىر نەرسە بېرىڭلار. سىلەر ئىمان ئېيتقان ئاللاھنىڭ بۇيرۇقلىرىغا بويسۇنۇش ۋە چەكلىمىلىرىدىن يېراق تۇرۇش ئارقىلىق ئۇنىڭدىن قورقۇڭلار.