Uyghur Mokhtasar

Multiple Ayahs

Tags

Download Links

Uyghur Mokhtasar tafsir for Surah Al-Mumtahanah — Ayah 12

يَٰٓأَيُّهَا ٱلنَّبِيُّ إِذَا جَآءَكَ ٱلۡمُؤۡمِنَٰتُ يُبَايِعۡنَكَ عَلَىٰٓ أَن لَّا يُشۡرِكۡنَ بِٱللَّهِ شَيۡـٔٗا وَلَا يَسۡرِقۡنَ وَلَا يَزۡنِينَ وَلَا يَقۡتُلۡنَ أَوۡلَٰدَهُنَّ وَلَا يَأۡتِينَ بِبُهۡتَٰنٖ يَفۡتَرِينَهُۥ بَيۡنَ أَيۡدِيهِنَّ وَأَرۡجُلِهِنَّ وَلَا يَعۡصِينَكَ فِي مَعۡرُوفٖ فَبَايِعۡهُنَّ وَٱسۡتَغۡفِرۡ لَهُنَّ ٱللَّهَۚ إِنَّ ٱللَّهَ غَفُورٞ رَّحِيمٞ ١٢
ئى پەيغەمبەر! - مەككە پەتىھ بولغاندا يۈز بەرگەندەك - مۇئمىن ئاياللار يېنىڭغا كېلىپ، ئاللاھقا ھېچ نەرسىنى شېرىك كەلتۈرمەسلىك، بەلكى يالغۇز ئاللاھقىلا قۇلچىلىق قىلىش، ئوغرىلىق قىلماسلىق، زىنا قىلماسلىق، جاھىلىيەت ئەھلىنىڭ ئادىتى بويىچە پەرزەنتلىرىنى ئۆلتۈرمەسلىك، زىنادىن تۆرەلگەن بالىلارنى ئەرلىرىگە چاپلىماسلىق، يۈزلىرىگە كاچاتلاپ، چاچلىرىنى يۇلۇپ، ياقىلىرىنى يېرتىش قاتارلىق چەكلەنگەن ئىشلاردىن يېنىشتىن باش تارتماسلىق ھەققىدە ساڭا بەيئەت قىلسا، ئۇلارنىڭ بەيئىتىنى قوبۇل قىلغىن. ئۇلار ساڭا بەيئەت قىلغاندىن كېيىن ئاللاھتىن ئۇلارنىڭ خاتالىقلىرى ئۈچۈن مەغپىرەت تىلىگىن. ئاللاھ ھەقىقەتەن بەندىلىرىدىن تەۋبە قىلغانلارنى مەغپىرەت قىلغۇچىدۇر، ئۇلارغا بەك مېھرىباندۇر.