Uyghur Mokhtasar

Multiple Ayahs

Tags

Download Links

Uyghur Mokhtasar tafsir for Surah Al-Mumtahanah — Ayah 8

لَّا يَنۡهَىٰكُمُ ٱللَّهُ عَنِ ٱلَّذِينَ لَمۡ يُقَٰتِلُوكُمۡ فِي ٱلدِّينِ وَلَمۡ يُخۡرِجُوكُم مِّن دِيَٰرِكُمۡ أَن تَبَرُّوهُمۡ وَتُقۡسِطُوٓاْ إِلَيۡهِمۡۚ إِنَّ ٱللَّهَ يُحِبُّ ٱلۡمُقۡسِطِينَ ٨
سىلەرنىڭ مۇسۇلمان بولغانلىقىڭلار سەۋەبىدىن سىلەر بىلەن ئۇرۇش قىلمىغان ۋە سىلەرنى يۇرتۇڭلاردىن ھەيدەپ چىقارمىغانلارغا كەلسەك، ئاللاھ ئۇلارغا ياخشىلىق قىلىشىڭلاردىن، ئۇلارغا ئادىل بولۇشۇڭلاردىن يەنى ئۇلارنىڭ سىلەردە ھەققى بولسا ئۇنى بېرىشىڭلاردىن سىلەرنى توسمايدۇ، شۈبھىسىزكى، ئاللاھ ئۆزى، ئائىلىسى ۋە ئۆزى ئىگە بولغانلار ئارىسىدا ئادىللىق قىلغۇچىلارنى دوست تۇتىدۇ.