Uyghur Mokhtasar

Multiple Ayahs

Tags

Download Links

Uyghur Mokhtasar tafsir for Surah Al-Mumtahanah — Ayah 9

إِنَّمَا يَنۡهَىٰكُمُ ٱللَّهُ عَنِ ٱلَّذِينَ قَٰتَلُوكُمۡ فِي ٱلدِّينِ وَأَخۡرَجُوكُم مِّن دِيَٰرِكُمۡ وَظَٰهَرُواْ عَلَىٰٓ إِخۡرَاجِكُمۡ أَن تَوَلَّوۡهُمۡۚ وَمَن يَتَوَلَّهُمۡ فَأُوْلَٰٓئِكَ هُمُ ٱلظَّٰلِمُونَ ٩
ھەقىقەتەن ئاللاھ تائالا سىلەرنى مۇئمىن بولغانلىقىڭلار سەۋەبىدىن سىلەرگە ئۇرۇش ئاچقان، سىلەرنى يۇرتۇڭلاردىن ھەيدەپ چىقىرىۋەتكەن ھەمدە سىلەرنى چىقىرىۋېتىشكە ياردەملەشكەنلەرنى دوست تۇتۇشتىن چەكلەيدۇ. ئاراڭلاردىن ئۇلارنى دوست تۇتقانلار ئاللاھنىڭ بۇيرۇقىغا خىلاپلىق قىلىش ئارقىلىق ئۆزلىرىنى ھالاكەت گىرداۋىغا ئېلىپ بارغان زالىملاردۇر.