Uyghur Mokhtasar

Multiple Ayahs

Tags

Download Links

Uyghur Mokhtasar tafsir for Surah Al-Jumu'ah — Ayah 11

وَإِذَا رَأَوۡاْ تِجَٰرَةً أَوۡ لَهۡوًا ٱنفَضُّوٓاْ إِلَيۡهَا وَتَرَكُوكَ قَآئِمٗاۚ قُلۡ مَا عِندَ ٱللَّهِ خَيۡرٞ مِّنَ ٱللَّهۡوِ وَمِنَ ٱلتِّجَٰرَةِۚ وَٱللَّهُ خَيۡرُ ٱلرَّٰزِقِينَ ١١
ئەي پەيغەمبەر! بىر بۆلۈك مۇسۇلمانلار بىرەر تىجارەت ياكى ئويۇن - تاماشىنى كۆرسە، سېنى مۇنبەردە تۇرغان ھالەتتە تاشلاپ قويۇپ، شۇ تەرەپكە چىقىپ كېتىشىدۇ. ئەي پەيغەمبەر! ئېيتقىنكى، ياخشى ئەمەلگە بېرىلىدىغان ئاللاھنىڭ دەرگاھىدىكى مۇكاپات سىلەر يۈگۈرۈشكەن تىجارەت ۋە ئويۇن - تاماشىدىن ياخشىدۇر. ئاللاھ رىزىق بەرگۈچىلەرنىڭ ئەڭ ياخشىسىدۇر.