Uyghur Mokhtasar

Multiple Ayahs

Tags

Download Links

Uyghur Mokhtasar tafsir for Surah Al-Jumu'ah — Ayah 10

فَإِذَا قُضِيَتِ ٱلصَّلَوٰةُ فَٱنتَشِرُواْ فِي ٱلۡأَرۡضِ وَٱبۡتَغُواْ مِن فَضۡلِ ٱللَّهِ وَٱذۡكُرُواْ ٱللَّهَ كَثِيرٗا لَّعَلَّكُمۡ تُفۡلِحُونَ ١٠
جۈمە نامىزىنى ئوقۇپ بولغىنىڭلاردا ھالال كەسىپ قىلىپ، ئېھتىياجىڭلارنى قامداش ئۈچۈن يەر يۈزىگە تارىلىڭلار. ھالال كەسىپ قىلىپ، ھالال پايدا ئېلىش ئارقىلىق ئاللاھنىڭ پەزلىنى تىلەڭلار. رىزقىڭلارنى ئىزدەش جەريانىدا ئاللاھنى كۆپ ياد ئېتىڭلار، رىزىق ئىزدىشىڭلار سىلەرگە ئاللاھنىڭ زىكرىنى ئۇنتۇلدۇرمىسۇن. ئۈمىدكى، ئۆزۈڭلار ياقتۇرىدىغان نېئمەتكە ئېرىشىپ، ئەنسىرىگەن ئاقىۋەتتىن قۇتۇلغايسىلەر.