Uyghur Mokhtasar

Multiple Ayahs

Tags

Download Links

Uyghur Mokhtasar tafsir for Surah Al-Jumu'ah — Ayah 9

يَٰٓأَيُّهَا ٱلَّذِينَ ءَامَنُوٓاْ إِذَا نُودِيَ لِلصَّلَوٰةِ مِن يَوۡمِ ٱلۡجُمُعَةِ فَٱسۡعَوۡاْ إِلَىٰ ذِكۡرِ ٱللَّهِ وَذَرُواْ ٱلۡبَيۡعَۚ ذَٰلِكُمۡ خَيۡرٞ لَّكُمۡ إِن كُنتُمۡ تَعۡلَمُونَ ٩
ئى ئاللاھقا ئىمان كەلتۈرگەن ۋە ئاللاھ يولغا قويغان ھۆكۈملەرگە ئەمەل قىلغان مۇئمىنلەر! جۈمە كۈنى ئىمام خۇتبە سۆزلەش ئۈچۈن مۇنبەرگە چىققاندا، مۇئەززىن جۈمە نامىزى ئۈچۈن ئەزان ئوقۇغاندا خۇتبە ئاڭلاش ۋە ناماز ئۈچۈن مەسچىتكە ئالدىراڭلار. سودا - سېتىقنى قويۇپ تۇرۇڭلاركى، سىلەرنى تائەت - ئىبادەتتىن كاشىلا قىلىپ قويمىسۇن. ئەي مۇئمىنلەر! جۈمە نامىزىغا ئەزان ئوقۇلغاندىن كېيىن جۈمەگە مېڭىش ۋە سودا - سېتىقنى قويۇپ تۇرۇشتىن ئىبارەت مەزكۇر ئىش، ئەگەر بىلسەڭلار سىلەر ئۈچۈن ياخشىدۇر. شۇڭا ئاللاھنىڭ بۇيرۇقىنى بەجا كەلتۈرۈڭلار.